ئۇيغۇر ئىلىدىن كەلگەن ۋەكىللەر نىڭ خىتايدىكى "ئىككى چوڭ يىغىن "غا سۇنغان تەكلىپلىرى
2007.03.05
ئۇيغۇر ئىلىدىن كەلگەن خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، قاغىلىق ناھىيىسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سىياسى كومىسسارى مۇتىللا مۇسا، يىغىن جەريانىدا خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "خەۋپسىزلىك ئەترىتىمىز ھەر زامان شەرقىي تۈركىستان مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە ھەرگىز پۇرسەت بەرمەيدۇ، نەدە باش كۆتۈرسە شۇيەردە يوقىتىمىز"، دەپ بىلدۈرگەن.
مۇتىللا مۇسانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى خەلق خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادى ياردىمىگە ئېرىشىپ باياشات ياشاۋاتقان بولۇپ، جەمئىيەتتە "ئىناقسىزلىق ئامىللىرى" نى پەيدا قىلغۇچىلارغا قەتئىي ئۆچ ئىكەن. لېكىن، ئۇيغۇرلار راستىنلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادى سىياسىتى توغرىسىدا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا راي سىناپ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامىستېردام ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى جەسىكا كوخ "غەربى خىتايدىكى ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋە مىللي بۆلگۈنچىلىك: ئىككىنچى ئورۇندىكى مىللەتچىلىك مودېلى" دېگەن ماقالىسىدە، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور يېتەكچىسى گاردىنېر باۋىڭدونىڭ "ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاپتونومىيە: خىتاي جىددىي مىللەتچىلىكى ۋە ئۇيغۇرلار دىكى نارازىلىق" دېگەن ماقالىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق يازىدۇ:
1991-يىلدىن 1995 يىلغىچە بېيجىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 33 مىليارد يۈەنلىك، تۆمۈريول، نۇر كابېل، ئالتۇن ۋە كۆمۈر كانلار، ئېلېكتر ئىستانسىسى قاتارلىق 78 قۇرۇلۇش تۈرىگە مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى بۇ ئاساسى مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا ئۇيغۇرلارنى قاتناشتۇرمىدى. خىتاي يەنە، 2000-يىلدىن 2010 - يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىگە سالىدىغان مەبلەغنى 900 مىليارد يۈئەنگە يەتكۈزمەكچى. ۋاھالەنكى، بۇنداق تەرەققىياتلار يەرلىك ئازسانلىق مىللەتلەرگە قىلچىمۇ مەنپەئەت ئېلىپ كەلگىنى يوق. بۇ قۇرۇلۇشلارغا ھۆكۈمەت پەقەت ئاققۇن خىتاي ئىشچىلارنىلا ياللىغان بولۇپ، يەرلىك ئۇيغۇر ياكى باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرنى يېقىن يوللانمىغان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېنېرگىيە باج ۋە باشقا تەرەپلەردىن كىرىدىغان پايدا بىيجىڭنىلا مەنپەئەتدار قىلغان بولۇپ بۇ رايونغا ئازراقمۇ قالدۇرالمىغان".
مەلۇم بولۇشىچە يەنە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئىلىدىن ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان بەزى ۋەكىللەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نامراتلىقى نۇرغۇن دېھقان پەرزەنتلىرىنى تەربىيلىنىشتىن مەھرۇم قالدۇرۋاتقانلىغى ھەققىدە مەلۇمات يوللىغان
شۇنى كورىۋىلىشقا بولىدۇكى، يۇقىرىدا مۇتىللا مۇسانىڭ "ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى خەلق خىتاي مەركىزى ھوكىئىمىتىڭ ئىقتىسادى ياردىمىگە ئېرىشىپ باياشات ياشاۋاتىدۇ" دېگەنلىرى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن قارىمۇ -قارشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ مۇتەخەسسىسلەر نىڭ بىلدۈرىشچە، خىتايدىكى بۇ ئاتالمىش "خەلق ۋەكىللىرى" خەلققە ھەقىقى ۋەكىللىك قىلالمايدىكەن.
بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللي مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدىكەن. ئۇلار خىتاي ھۆكىمىتى تولۇق يېتىشتۈرگەن "شاتۇتلار" بولۇپ، يىغىندىن ئاۋال خىتاي باشلىقلار ئالدىن تەييارلاپ بەرگەن "تەكلىپ لاھىيەلىرى"نىلا ئوتتۇرغا قويىدىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلار مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆزلىيەلەمدۇ؟
- خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە "قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسىنى ئىنتېرنېتكە كېڭەيتتى
- بىڭتۇەن ئۆزىنىڭ 17 - قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىلىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىغا ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ دەپ جاكارلىغان
- خىتاي قانۇن تارماقلىرى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرماقتا
- ئىسمائىل تىلىۋالدى"3 خىل كۈچكە زەربە بېرىش " سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى