ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇر مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆزلىيەلەمدۇ؟

0:00 / 0:00
ikki-yighin.gif
خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر 5 – مارت كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ سۆز قىلىۋاتقاندا ئۇخلىماقتا. AFP

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلاشلىرىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك 10 ‏- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ‏- يىغىنىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ خىزمەت ھالىتىگە كىرىپ بولغانلىقى ھەمدە قۇرۇلتايغا تەكلىپ - پىكىر تاپشۇرۇشقا كىرىشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ۋەكىللەر تەكلىپ تەكشۈرۈش كومېتىتىغا 104 تۈرلۈك تەكلىپ ‏- پىكىر تاپشۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە تەكلىپ لايىھىسىدىن 5 ى، تەكلىپتىن 96 سى بار بولۇپ، مەزكۈر تەكلىپ ‏- پىكىرلەرنىڭ كونكرېت مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش، سۇچىلىق ، بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەلەر قۇرۇلۇشى مەسىلىلىرى ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىلىق پىكىرلەر، بۇنىڭدىن سىرت ئەمگەك ، ئىجتىمائى كاپالەت، مائارىپ، سەھىيە، ئولتۇراق ئۆي كاپالەت پۇلى، پۇل - مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

" خەنزۇ تىلى تەييارلىق ئوقۇشى" ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاتماقتا

ئۇيغۇر ئېلىدىن يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان ۋەكىل ئابدۇللا ئابباس مۇخبىرلارغا ئاز سانلىق مىللەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش قېيىنچىلىق مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، شىنجاڭدىكى ئالىي ۋە تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ ئاساسلىق بىر قىسمى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار كىچىكىدىن باشلاپلا ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىدا بېرىلگەن دەرسلىكنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ خىتاي تىلى ئاساسى كامچىل شۇڭا ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، چوقۇم بىر يىل خىتاي تىل تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇشى كېرەك" دېگەن.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئابدۇللا سۆزىدە يەنە":بۇ بىر يىلدا خىتاي تىل سەۋىيىسى تۆۋەن ئوقۇغۇچىلار، خىتاي تىلىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا، ئوقۇش پۇلى ھېسابىغا 10 مىڭ يۈەننى ئارتۇق تاپشۇرىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە بىر قىسىم تۇرمۇش قېيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىنتايىن ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ" دېدى.

ئابدۇللا ئابباس، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم نامرات رايونلاردا ، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر يىللىق " خەنزۇ تىلى تەييارلىق ئوقۇشى" غا كېتىدىغان خىراجەتنىڭ، دېھقانلارنىڭ 10 يىللىق كىرىمىگە بارەبەر بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ، شىنجاڭ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي قېيىنچىلىقىنى نەزەردە تۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەييارلىق مەزگىلىدىكى ئوقۇش پۇلىنى كۆتىرىۋىتىپ، كەڭ دېھقان ئاتا ‏- ئانىلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئازايتىشىنى، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ئىقتىساس خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت چېگرا رايونىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

يەنە "ئۈچ خىل كۈچ" كە زەربە بېرىش

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 58 ياشلىق ۋەكىلى مۇتىللا مۇسا " دۈشمەن كۈچلىرىگە، مىللىي بۆلگۈنچى ۋە زوراۋان كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بولۇپمۇ خوتەن، قەشقەر رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان " ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش " داۋامىدا خەلقنىڭ مىللىي بۆلگۈنچى ۋە تېررورچىلارنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكتىن بۇ رايونلاردا جەمئىيەت مۇقىم ، مىللەتلەر ئىتتىپاق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مۇتىللا سۆزىدە يەنە، ئۇ ئۆزى ياشاۋاتقان جەنۇبىي رايوندا، خەلق ئاممىسىنىڭ، مەركىزى ھۆكۈمەت مالىيىسىنىڭ زور كۈچ چىقىرىپ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن باياشاتچىلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى

ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، مۇتىللا مۇساغا ئوخشاش خەلق ۋەكىللىرىنىڭ، ھېچقاچان ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەييارلىنىپ ھازىرلانغان " سۆز نۇتۇقلىرى" نى يادلاپ ، قۇرۇق ھەيكەل ۋە قول كۆتىرىپ " ئاۋاز " بېرىدىغان قونچاقنىڭ رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدە ئېچىلغان قۇرۇلتايلارغا كۆپ قېتىم قاتناشقان، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر قېيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ھەققىدە دادىل پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئاخىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قارىلىنىپ بىگۇنا تۈرمىگە تاشلانغان، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسى كېڭەش ۋەكىلى ۋاقتىىدىكى ئەسلىمىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

رابىيە قادىر خانىم، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدە ئېچىلىدىغان قۇرۇلتايدا " تەكلىپ لايىھە" سى ۋە " پىكىر ‏- تەلەپ " ئوتتۇرىغا قويغۇچى ۋەكىللەر ھەققىدە ۋە ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قارىلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.(ئەقىدە)