ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيى تېشىپ، چارۋىچىلارغا زىيان ئېلىپ كەلدى
2005.12.22
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئىلى دەرياسىدا قېتىپ قالغان مۇز پارچىلىرى تەسىرىدىن دەريا سۈيىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان ۋە 50 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان شۈرمەل تاشقىنى مەيدانغا كەلگەن.
تەڭرىتاغ تورى 22 - دېكابىر كۈنى شۈرمەل تاشقىنى تۈپەيلى سۇ ئورنىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ دەريا ئېقىنى ھاسىل قىلغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن دەريادىكى ئىككى كۆۋرۈكتە قاتناش توختاپ قالغانلىقى شۇنىڭدەك ئىلى دەرياسىنىڭ تېكەستىكى 8 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە كەڭ كۆلەملىك شۈرمەل مۇز توسمىسى پەيدا بولۇپ، دەريا ئېقىنى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. بىراق دەريا بويىدىكى ئاھالىلەر دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار تىلغا ئېلىنمىغان.
بىز ئىلى دەرياسىنىڭ تېكەس بۆلىكى ئەتراپىغا جايلاشقان ئاھالىلەرنى تېلېفۇن ئارقىلىق زىيارەت قىلىپ، دەريا ئېقىنىنىڭ بۇ رايوندىكى دېھقان ۋە چارۋىچىلارغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق.
مەلۇم بولۇشىچە، تېكەس رايونىدىكى بىر قىسىم ئاھالىنىڭ ئۆي ۋە قوتانلىرىنى سۇ ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، چارۋا ماللىرى ۋە ئۆي بىساتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان جاي تاپالمىغان. (ئەقىدە)