ئىلى دەريا ۋادىسىنى ئېچىشقا 12 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئاجرىتىلغان

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى دەريا ۋادىسىنى ئېچىش ئىشلىرى ئۈچۈن 12 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئىلى دەريا ۋادىسىنى ئېچىش بۇ قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ يەر-زىمىننى ئېچىپ رەتكە سالىدىغان يەتتە چوڭ قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ قۇرۇلۇش بويىچە، ئىلى ۋادىسىدىكى يەتتە ناھىيىدىكى بىر قىسىم رايونلار يېزا-ئىگىلىكىگە باپ كېلىدىغان زاپاس يەر بايلىقى قىلىپ ئۆزگەرتىلىدىكەن. شۇنداقلا بۇ قۇرۇلۇش بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىش باشلىنىپ، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاچماقچى بولىۋاتقان زىمىنلىرى ئىلى ۋادىسىدىن سىرت يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىكى بىر قىسىم تاغ باغرى بوستانلىق رايونلىرى ئىكەن. خىتاينىڭ دۆلەتلىك زىمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ پىلاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 6 نۇقتىلىق رايوندىكى بوستانلىقلار، يېزا-ئىگىلىك يەرلىرى قىلىپ ئېچىلىدىكەن.

ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان يەر ئېچىش ھەرىكىتى ئىزچىل كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ پىلانسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ قۇرۇلۇشىنىڭ يەرلىك مۇھىتقا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق كۆرسىتىپلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يەر ئېچىشقا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. (پەرىدە)