غەرب مەتبۇئاتلىرىدا 5- فېۋرال ئىلى ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى
2007.07.23
ئەنگلىيىدە نەشر قىلىنىدىغان (Sunday Times)يەكشەنبە كۈندىلىك گېزىتىنىڭ، 22 - ئىيۇلدىكى سانىغا "بېيجىڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنىڭ كەيىنىگە مۇسۇلمانلارغا قاراتقان ۋەھشىي باستۇرۇشلىرى يوشۇرۇنغان" سەرلەۋھىلىك تەپسىلىي خەۋەر بېرىلدى.
خەۋەر بېشىدا بۇ يىل باھاردا خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان ئىسمائىل سەمەتنىڭ تۈرمىگە ئېلىنىشى ۋە ئېتىلىش ئالدىدا 4 يىلدىن بۇيان كۆرۈشمىگەن ئايالى بۈھەجەر ۋە ئىككى بالىسى بىلەن پەقەت 10 مىنۇت ۋىدالىشىش ۋاقى بېرىلگەنلىكى ئىنتايىن تەسىرلىك يوسۇندا ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتايدا تېخىمۇ ئېغىر باستۇرۇشلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
مەزكۇر خەۋەردە ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغىنى، 1997- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى تىترەتكەن 5- فېۋرال ۋەقەسىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان ، ھازىر ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ تاكسىچىلىق قىلىۋاتقان خىتاي ئەسكىرىنىڭ مەزكۇر خەۋەرنىڭ مۇئەللىپىگە ئېيتىپ بەرگەنلىرىدۇر.
بۇ سابىق ئەسكەر ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلارنى ناھايىتى مەغرۇرلۇق ۋە مەمنۇنلۇق تۇيغۇسىدا ئەسلەپ: "1997- يىلى توپىلاڭ يۈز بەرگەندە مەن خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمدا ئىدىم. باشتا بىز باشقۇرالماي قالدۇق. قالايمىقان بولۇپ كەتتى. بىز ئەسكەر يۆتكىدۇق. ئەسكەرلەر ھەربىيچە كىيىملەرنى ساقچى كىيىمىگە ئالماشتۇردى. بىزمۇ ساقچىلارغا ئوخشىدۇق. مەركىزى ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئىككىلەنمەي قاتتىق باشقۇرۇش بۇيرۇقى بەرگەن ئىدى. ئىشىنىڭكى، بىز راست شۇنداق قىلدۇق. "
ئۇ يەنە خىتاي ئارمىيىسى تەرەپتىنمۇ بىر نەچچە ئادەمنىڭ چىقىم بولغانلىقىنى ئەسلەپ: "بىزمۇ بىرنەچچە ئادىمىمىزدىن ئايرىلدۇق، ئەمما بىز بەك جىق ئۆلتۈردۇق . ئېنىق سانىنى بىلمەيمەن . نەچچە مىڭنى ئۆلتۈردۇق. ئۇلارغا كۈچىمىزنى بىر كۆرسەتتۇق ۋە قاتتىق تەنبىھ بېرىپ قويدۇق" دېگەن.
ئۇ يەنە ، ئەينى ۋاقىتتا بىڭتۈەننىمۇ قوراللاندۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ: " ئۇلاردا چەتئەلدىن ئېلىپ كىرگەن قورال بار دەپ بىلگەچكە، بىز بۇ تەرەپتىن بىڭتۈەنگە قورال تارقىتىپ، مەشىققە سالدۇق" دەيدۇ. ئاپتور ماقالىسىدە 5- فېۋرال ۋەقەسىنى تولۇق ئاشكارىلانمىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دەپ كۆرسەتكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈركان ۋەقەسى يۈز بەردى
- ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە پويىز ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى
- غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىلىرى دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغىدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە بۇلتۇر ئىش ئۈستىدىكى تۈرلۈك ۋەقەلەردە 3122 ئادەم ئۆلگەن
- چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار - 5 فېۋرال كۈنى بىر قانچە دۆلەتتە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ھادىسىدە قازا قىلغان ئىشچىلارنىڭ ئائىلىسىگە تۆلەم تۆلىدى
- ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن غەلىتە قاتناش ۋەقەسىدە دوختۇر ۋە ساقچىلار ئۆلدى
- قەشقەردە يۈز بەرگەن 21 - ماي قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر 15 كە يەتتى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى