قازاقىستاندا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى


2005.09.30

30 - سېنتەبىر كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئالما-ئاتادا، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى غوجائەخمەت سەيدىۋاقاسوۋ نامىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننىڭ تېمىسى ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي- ئىقتىسادى مەسىلىلەرگە چېتىلغان.

بۇ قازاقىستاندا 1991 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تارقىلىشتىن سەل ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كېيىن چاقىرىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تۇنجى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

گەرچە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ كۆلىمى كىچىكرەك بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا خەلقئارا تۈس ئالغان شۇنداقلا يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا چاقىرىلدى. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ناھايىتى گۈللەنگەن بولۇپ، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى قارمىقىدا مەخسۇس ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغان ئىدى. ئەمما بۇ ئىنىستىتۇت قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىگە ئۆزگەرتىلگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.