چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قارشى ئالدى


2005.03.17

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە تىجارەتچىسى رابىيە قادىرخانىمنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەنلىك خەۋىرى، ئۇنىڭ ئائىلە -تاۋاباتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى زور خوشاللىققا چۆمدۈردى.

رابىر قادىر خانىمنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى روزى رادىئومىزدا مەخسۇس ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خەلقى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. رابىيە قادىرنىڭ ۋىرجىنىيا شتاتىدا تۇرۇشلۇق قىزى ئەقىدە روزى، بەش يېرىم يىل كۆرۈشمىگەن ئاپىسى بىلەن قايتا دىدارلىشىدىغانلىقىدىن تەسۋىرلىگۈسىز خوشاللىققا چۆمگەنلىكىنى ئېيتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا رابىيە قادىرنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى قارشى ئالدى.

بىراق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت باياناتىدا، رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ھەل بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ غەرب ئەللىرىنى داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاش ۋە رابىيە قادىرغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن،خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى سىكوت مەكلىلەنمۇ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، "رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز" دېدى. رابىيە قادىر مەسىلىسىدە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئامېرىكىنىڭ سابىق ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لورىن كۈرەينىرمۇ رادىئويىمىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىپ، ئامېرىكىغا يولغا سېلىنغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رابىيە قادىرنىڭ چەتئەلدە تۇرۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا نۇرغۇن تۆھپە قوشالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.