د ئۇ ق بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" نى تەشۋىق قىلغانلىقىنى ئەيىپلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ليەن جەن خىتاينى زىيارەت قىلغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەمدە " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" نى تەشۋىق قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەيىپلىدى.

قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ليەن جەن خىتاينى زىيارەت قىلغاندىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر، خوتەن، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" نى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، يەرلىك پۇقرالارنى ئۇنى ئۆگىنىشكە زورلىغان.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىمۇ ليەن جەننىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشى "خىتاينىڭ دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى" دەپ خەۋەر قىلغان.

چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ ئۆتكەن ئايدا ماقۇللىغان " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇنى" ئاساسلىقى تەيۋەننىڭ رەسمىي مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چىقىرىلغان دەپ قارىغان ئىدى. ئەمما دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " بىرلىككە كەلتۈرۈش قانۇنى" ئەمەس بەلكى " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" نى چىقىرىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە " ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگىمۇ" قارىتىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. (ئارزۇ)