دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ھەققىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى


2007.04.06

يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي يېزىلىرىدا نوپۇسنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۇغۇلۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە چەكلەپ تۇرۇش خۇسۇسىدا يەنە ھەر تۈرلۇك سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىشى، ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇس چەكلەش سىياسىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلىماقتا.

تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 31- مارت ئاياغلاشقان نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى مۇنداق دېگەن: "جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان نامرات رايونلارنىڭ نوپۇسى تىز سۈرئەتتە ئېشىپ كېتىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش كېرەك".

ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: "خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلى خەلقىغە ھەرخىل كۈلپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن. ھېلىمۇ ھەم شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. خىتايلار بۇ قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك".

دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايلار ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە، پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بالىلارنى نوپۇسقا ئالماسلىق، مەكتەپكە قوبۇل قىلماسلىق، ھەتتا ئانا قورسىقىدىكى نەچچە ئايلىق تۆرەلمىنىمۇ قىرىپ تاشلاش قاتارلىق ئىنسانلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلىپ كەلگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: "ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ بۇ سۆزلىرى پەقەت بۈگۈنكى كۈندە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن يۈرگۈزۈشتىكى بىر قەدىمى خالاس".

ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ يىغىندا ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ۋە نوپۇسنىڭ تىز سۈرئەتتە ئېشىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە سوتسىيالىستىك يېزا قۇرۇش ۋە سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە ۋە ئۇنى چەكلىمىگە ئۇچراتماقتا ئىكەن.

دىلشات رىشىت مۇنداق دەيدۇ: "ئەجىبا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆپەيسە خىتاينىڭ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسىتەمدىكەن؟! بۇ تولىمۇ كۈلكىلىك بىر گەپ. بۇ ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ سەۋىيىسىنىڭ شۇنچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ ". لېكىن، دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ بۇ بايانلىرى خىتاينىڭ مەنتىقىسىگە ئىنتايىن ئۇيغۇن بولۇپ، يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىنى قاتتىق چەكلەپ ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپلەپ تۆكۈش پىلانىنىڭ داۋامى ئىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.