خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ، چەتئەل تور بەتلىرىنى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلماقتا.

شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى 2004 - يىلى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى ئالتاي يولىدىكى بىر قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇۋاھىپ ئابدۇرېھىم ۋە ئۇنىڭ قەشقەردىن كەلگەن مېھمىنى تۇرسۇنجان قاتارلىق ئۈچ كىشىنى تۇتۇپ كەتكەن.
ساقچىلار ئابدۇۋاھىپ ئابدۇرېھىمنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرگەندە، ئۇلار چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تور بەتلىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئىكەن. بىخەتەرلىك خادىملىرى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ كومپيۇتېرىنىمۇ ئېلىپ كەتكەن.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ كادىرى تاھىر كەنجىنىمۇ تۇتۇپ كەتكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى "شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئۇچقۇن گېزىتىنى توردىن كۆچۈرۈپ، دوستلىرىغا تارقاتقان، ھەمدە شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىگە ئەزا توپلىغان" دىگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا تۆت يىل قاماق جازاسى بەرگەن.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل تور بەتلىرىنى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان 137 تور بېتىنى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن پىچەتلىگەن.(ئارزۇ)