ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت تور پونكىتى تېخنىكىسىنىڭ خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى كۆز-كۆز قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، بۇ يەردە چىقىدىغان ئىنتېرنېت تور پونكىتلىرىنىڭ 95٪ ئىنىڭ خىتايچە چىقىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.
تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئىي 1777 تور پونكىتى بار بولۇپ، بۇنىڭ 95٪ ئى يەنى 1689 ئى خىتايچە تور پونكىتلىرى ئىكەن. مىللىي تىللاردىكى تور پونكىتلىرىدىن ئاران 88 ئى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 66 سى ئۇيغۇرچە، 17 سى قازاقچە ۋە 5 ئى قىرغىزچە چىقىدىكەن.
گەرچە مەزكۇر خەۋەردە، ئۇيغۇر ئېلى ئىنتېرنېت تېخنىكىسىنىڭ خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىشىنىڭ بارغانسېرى قولايلىشىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە تېلېفون قىلغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئالاھىدە قاتتىق بولىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىشىنىڭ پەقەت ئىنتېرنېت چايخانىلىرىدا پاراڭلىشىش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ گۋاڭدوڭ تىلى بۆلۈمىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، ئىنتېرنېت كونتروللىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 80 مىليارد يۇئەن خىراجەت ئاجراتماقچى ئىكەن. (پەرىدە)