خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە "قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسىنى ئىنتېرنېتكە كېڭەيتتى


2007-02-16
Share

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە " قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنى ئىنتەرنەت ۋە كۆچمە تېلېفون قاتارلىق زامانىۋى ئالاقە ساھەسىگە قارىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سىياسى قانۇن كومىتېتىتىنىڭ سېكرېتارى لۈي دېشياڭ يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى ئەدلىيە ئورگانلىرىنى مەسئۇللىرىغا يىغىن ئېچىپ، "تور بەتلىرىدىكى جىنايى ھەرىكەتلەر بۇ يىلقى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى نىشانىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى" بىلدۈرگەن. ئۇ، " تور بەتلىرىنى كۆزىتىش، زەربە بېرىش ۋە كونترولنى كۈچەيتىشنى" تەكىتلىدى.

لۈيدېشياڭ، " ئالاقە قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەر خىل جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك" دەيدۇ. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان " قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى بىر بايانتتا، "قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قانۇن تەرتىپلەرگە ئۇيغۇن بولمىغان ئۇسۇللاردا سوتلاش، تەن جازاسى بېرىش ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن. جۇڭگودا خىتايلاردىن قالسا، مىللىي تىل يېزىقتىكى تور بېتى ئەڭ كۆپ مىللەت ئۇيغۇرلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كۈزەتكۈچىلەر، " قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنىڭ نىشانىنى تور بەتلىرىگە قارىتىش، پىكىر ئەركىنلىكى ئەسلىدىنلا خىلمۇ - خىل توسالغۇلارغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئەندىشىگە سالىدىغان ھەرىكەت، دەپ قارىماقتا. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت