دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى بېيجىڭدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 17 ‏-يانۋار بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت، مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گوردون براۋننى، خىتاي زىيارىتى داۋامىدا ، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ئۈستىدە بېيجىڭغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان. بۇ ھەقتە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن، ئەنگىلىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا مەكتۇپ يوللىغان دىلشات رېشىت، بۈگۈن ئەتىگەن بېيجىڭدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر چاقىرىقىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالغان.

دىلشات رېشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقئارالىق بىر مەسىلىدۇر. خىتاي بۇ مەسىلىنى ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ھالدا، بەزىدە يوشۇرۇپ، بەزىدە ئاشكارىلاپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما باستۇرۇش ھەركىتىنى ھېچقاچان توختاتقىنى يوق. شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى ئىزچىل كۆزىتىش، نازارەت قىلىش ۋە ئارىلىشىش دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەم ئىنسانىي ھەم قانۇنىي مەسۇلىيىتى. بۇ مەسۇلىيەتنى، بۈگۈن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن خىتايغا تاقابىل تۇرۇش قۇدرىتى بولغان غەرب دۇنياسى باشلامچىلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. دىلشات رىشىت تېلېفون سۆھبىتىدە، كونكېرت تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغان:

دىلشات رېشت يەنە مۇنداق دېدى: ئىنسان ھەقلىرىنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن ئۈستىن بىلىش غەرب قىممەت قارىشىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى، بۇ يەنە، غەرب دۆلەتلىرى تەشەببۇس قىلىۋاتقان، دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ھەرىكەتنىڭ غايىسىمۇ، بىخەتەرلىكنى ھەم ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش؛ شۇڭا، گوردون براۋن، خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتا پۇرسەتپەرەسلىك قىلماسلىقىنى تەنقىد قىلىشى كېرەك.

رېيتېرس ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، باش مىنىستىر گوردون براۋننى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن بىرى، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمىيىتى بولۇپ بۇ تەشكىلات چاقىرىقىدا، خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن چىقارغان يېڭى ئاخبارات بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقىنى نۇقتىلىق مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاينى مەشھۇر ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇجىيانى تۈرمىدىن قويۇۋېتىشكە، سۇدان ۋە بېرمىدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىجابىي رول ئوينىشىغا ، بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

دىلشات رىئېھىت مەزكۇر چاقىرىقلارنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە توختىلىپ، چاقىرىقلىرىمىز ھەر ۋاقىت، ھەممە يەردە تەسىر كۆرسىتىپ كېتەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما نەتىجىسى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا يەتكۈزۈش بىزنىڭ مەسۇلىيىتىمىز دەپ بىلدۈردى. (شۆھرەت ھوشۇر)