ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئىسسىنىش ھەققى ئۆستۈرۈلدى

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولىشىچە، كۈز يېتىپ كېلىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى پۇقرالارنىڭ ئىسسىنىش مەسىلىسى قېيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندىن سىرت، ھۆكۈمەتنىڭ ئىسسىنىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشى نەتىجىسىدە، نۆۋەتتە تۆۋەن مائاشلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ئىسسىنىش ھەققىنى تۆلەش مەسىلىسى باش قاتۇرۇشقا تېگىشلىك ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قىشلىق ئىسسىنىش ھەققى تۇرالغۇ ئۆي كۆلىمىگە قاراپ، ھەر كۇۋادىرات مېتىرغا 22 يۈەندىن ھېسابلاپ ئېلىنىدىكەن، بۇنىڭدىن سىرت ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانىلارغا قاراشلىق تۇرالغۇ بىنالارنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى 27 يۈەندىن ئارتۇق ئىكەن.

يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى ئالاھىدە تۆۋەن ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر ئېلىدە، ئىسىنىش ھەققى، گاز ۋە سۇ ھەقلىرىگە ئوخشاش مۇلازىمەت ھەقلىرىنىڭ ئۆسۈشى، ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەن. (ئەقىدە)