خىتايدىكى 8 چوڭ پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرى مەخسۇس پۇل ئاجرىتىپ، شىنجاڭ قولماق گۇرۇھىنىڭ تۈزۈلمىسىنى قايتا ئۆزگەرتىشىگە ياردەم قىلدى.
شىنخۇئا پۇل-مۇئامىلە تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ قولماق گۇرۇھىغا ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن بۇ ئورۇنلار يەنە، ئىلگىرى مەزكۇر شىركەتكە قەرز بەرگەن ئورۇنلار بولۇپ، ئۇلار خىتاي شىندا گۇرۇھى، خىتاي سودا-سانائەت بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، يېزا-ئىگىلىك بانكىسى، قاتناش بانكىسى، شېنجېن تەرەققىيات بانكىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا بانكىسى قاتارلىقلار ئىكەن.
خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ قولماق شىركىتى بۇ پۇللار بىلەن قەرزلىرىنى تۆلەپ، شىركەتنىڭ تۈزۈلمىسىنى باشقىدىن ئۆزگەرتىش ئىشلىرىنى ۋاقتىدا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. ئەمما خەۋەردە قولماق گۇرۇھىنىڭ جەمئىي قانچىلىك ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن.
شىنجاڭ قولماق گۇرۇھىنىڭ باش دېرىكتورى ئەكرەم ئەيسايوفنىڭ ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا يوقاپ كېتىشى بىلەن، بۇ شىركەت ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، قولماق شىركىتى ئىلگىرى يۇقىرقى ئورۇنلاردىن تەخمىنەن 941 مىليون يۇئەن قەرز پۇلى ئالغان ئىكەن. ئەمما خەۋەردە ئەكرەم ئەيسايوفنىڭ ئىز-دېرىكى توغرىسىدا بىر نېمە دېيىلمىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بۇ شىركەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ يېقىندىن ياردەم بېرىشىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى. (پەرىدە)
