خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ئىقتىساتىدىكى ئورنىغا ئەھمىيەت بەرمەكتە
2005.09.18
شىنخۇا ئاگېنتلىقى يېقىندا بىر پارچە خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ئىقتىساتىدا بارغانسېرى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ كەلگۈسى 5-10 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە يەنە، ئوتتۇرا ئاسىياغا خوشنا بولغان ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ، مول كان ۋە ئېنېرگىيە بايلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكى، شۇنداقلا خىتاينىڭ پىلانى بويىچە، 2010 - يىلىغا بارغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 35 مىليون توننىغا يېتىپ، خىتاي ئومۇمىي نېفىت مىقدارىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغانلىقى يېزىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۆتكەن يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشكەن غەربتىكى گازنى شەرققە يۆتكەش گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گاز بايلىقىنى، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىرىلىرىگە يۆتكەش مىقدارىنى كۈنسايىن ئاشۇرىۋاتقان بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە ھەتتا، "ئۇيغۇر ئېلى قەدىمقى 'يىپەك يولى' دىن ھازىر 'نېفىت يولى' غا قاراپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ" دەپ يازغان.
ئەمما ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىدىن خىتايلار ئۆزلىرى پايدا ئېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقلىرىدىن يەرلىك خەلقلەرنىڭ قانچىلىك پايدا كۆرىشىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي نېفىتلىگى ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت-خىمىيە چوڭ بازىسى قۇرماقچى
- ج خ نازارىتى ئۈرۈمچىدە تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورچىلىققا قارشى ساقچى تەربىيىلەش مەركىزى قۇرماقچى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى 66 نېفىت قۇدۇقى تاقىۋېتىلمەكچى
- 2010 - يىلى ئۇيغۇر ئېلى خىتاي بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا ئايلىنىدىكەن