ۋاڭ گۇاڭتاۋ: شىنجاڭ ئىقتىسادى ئۈرۈمچى بىلەن سانجىغا تايىنىشى كېرەك

خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسىمى خىتايلارنى ئاساس قىلغان ئۈرۈمچى بىلەن سانجىنى ئىقتىسادى بىر گەۋدىگە ئايلاندۈرۈش ۋە بۇ رايونلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىقتىسادىىكى يىتەكچىلىك رولىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەرمەكتە. خىتاي قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ گۇاڭتاۋ پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ۋە سانجىلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بىر جاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات باسقۇچىدا تايىنىشقا تېگىشلىك بولغان ئىقتىسادىي يادرو كۈچى 'شىنجاڭ' دا ئۈرۈمچى بىلەن سانجى، دەپ كۆرسەتتى.

" ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىشىتىكى مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى، ئۈرۈمچى بىلەن سانجى ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەش مەسىلىسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئىكەن. ئۇ، " بىر جاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى مەلۇم باسقۇچتا چوقۇم يادروغا تايىنىشى كېرەك. شىنجاڭدا بۇ يادرو شۈبھىسىزكى، ئۈرۈمچى بىلەن سانجى " دەيدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋاڭنىڭ سۆزى، خىتاينىڭ بۇ رايونلارنىڭ ئاساسى قۇرۇلۇشىغا ۋە نوپۇس ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي ۋە سودا سانائەت مەركىزى ھېسابلىنىدىغان ئۈرۈمچىدە نوپۇسنىڭ تەخمىنەن 90 % دەك قىسىمىنى خىتايلار ئىگىلىسە، سانجىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 5 % گىمۇ يەتمەيدۇ. كۆزەتكۈچىلەر ، بۇ ئەھۋال رايوندا جايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى تەرەققىيات پەرقىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى، قەشقەر قاتارلىق ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايونلار نىڭ تېخىمۇ كەينىدە قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ شىنجاڭ ئىقتىسادىنى ئېچىش پىلانىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھۆكۈمەت سىياسىتى ئاستىدا بىر تەرەپلىمىلىك بەھرىمان بولۇۋاتقانلىقىنى يازغان. ۋاڭ گۇاڭتاۋ پەيشەنبە كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ، ئەركىن ئىمىرباقى، نۇرلان ئابدۇمەجىن، نەيىم ياسىن ۋە خې يىمىڭلارنىڭ ھەمرالىقىدا ئۈرۈمچى ۋە سانجىنىڭ شەھەر پىلانلاش لايىھىسىنى كۆردى. (ئەركىن)