كېلەر ھەپتە ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پروگراممىسىنىڭ يېغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ


2006.10.16

ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پروگراممىسىنىڭ 5‏- نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يېغىنى كېلەر ھەپتە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يېغىن جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتسادىي ھەمكارلىق پروگراممىسىغا ئەزا ئافغانىستان، ئەزەربەيجان، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، موڭغۇلىيە، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق 8 دۆلەت ۋەكىللىرى ھەمدە ياۋرۇپا قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات بانكىسى، ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى، دۇنيا بانكسى، ب د ت تەرەققىيات پروگراممىسى قاتارلىق ئالتە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن يېڭى قارارلار قوبۇل قىلىدىكەن.

ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پروگراممىسى 1997‏- يىلى پائالىيەت باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق رايوندا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە نامراتلىقنى ئازايتىش شۇنداقلا رايوندا سودا- تىجارەت، قاتناش ۋە ھەر تۈرلۈك خەلقنىڭ تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەرەققىيات پروگراممىلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 5‏- نۆۋەتلىك مىنسىتىرلار يېغىنىدا ئەزا دۆلەت ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرى، پروگراممىنىڭ كېلەركى يىللاردا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىنى ئېنىقلاپ، رايوندىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

مۇتەخەسسسىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەر ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى دېگەندەك ئېلىپ بارسا شۇنداقلا ئۆز-ئارا ئىقتسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتسە، 2015 ‏- يىلىغا بارغاندا مەزكۇر رايون دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان خەلقنىڭ يىللىق كىرىمى ئىككى ھەسسە كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.