تەڭرىتاغ تورىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئۇيغۇر دىيارىدا ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرى ئىنتايىن كۆپ سادىر بولغان بولۇپ، ئاشكارىلانغان دېلولارنىڭ ئىقتىسادى قىممىتى 21 مىليارد سومدىن ئاشقان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە ئۇيغۇر دىيارى بويىچە 1269 قېتىم ئىقتىسادىي دىلو سادىر بولغان، دىلو سادىر قىلغۇچىلار ئاساسەن خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ باج ئوغرىلاش، يالغان تالون ياساش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسەتكەن.
بىراق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان دېلولار، ئۇيغۇر دىيارىدا ئاشكارىلانغان ئىقتىسادىي دېلونىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى بولۇپ، ئادەتتە خىزمىتىدىن ۋە ئەمىلىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىساد توپلىغان خىتاي ئەمەلدارلار ئىنتايىن كۆپ ئىكەن، ئۇلار قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنمىغاندىن سىرت، خىيانەت قىلغان پۇللىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ كېتىدىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياقمىغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلار بولسا ئىقتىسادىي جىنايەت سادىر قىلغان دېگەن قالپاق بىلەن دەرھال جازالىنىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئامان ھاجى، ۋاڭلېچۈئەننىڭ بىۋاستە قول تېقىشى بىلەن، ئىقتىسادىي جىنايەتچى قالپىقىنى كىيىپ خىتاي تۈرمىسىگە تاشلانغان ئىكەن. (ئەقىدە)