ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر قاسساپلار چارشەنبە كۈنى بازار باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ھەر خىل باج ۋە ھەقلەرنى ئۆرلىتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بىر كۈن ئىش تاشلىدى. بۇنىڭ بىلەن گۆشنىڭ باھاسى چارشەنبە كۈنى بىراقلا ئۆرلەپ25 يۈئەن ئەتراپىغا چىققان. بۇ ئۈرۈمچىدىكى قوي- كالا گۆشى باھاسىنىڭ ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چېكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ ئۈرۈمچى مۇسۇلمان قۇشخانىلىرىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى بازار باشقۇرۇش تارماقلىرى سويۇلىدىغان بىر قويغا ئالىدىغان باشقۇرۇش بېجىنى بەش يۈئەندىن سەككىز يۈئەنگە ئۆستۈرگەن. بۇنىڭدىن سىرت، باشقا ھەقلەرمۇ ئۆسۈپ، بىر قوي ياكى كالىدىن ئېلىنىدىغان ھەر خىل باج ۋە ھەقلەر 30 يۈئەنگە يەتكەن.
قاسساپلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ چوڭ قۇشخانىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە تاقىۋېتىلىشى بىلەن نۇرغۇن قاسساپلار ئۈرۈمچىدىكى ئۈچ چوڭ قۇشخانىغا بۆلۈنۈپ، يېڭىدىن تىجارەت باشلىغان. بۇنداق شارائىتتا، باجلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلىشى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىنى كۈچەيتكەن.
ئۈرۈمچىدىكى ئۈچ قۇشخانىدىكى ئۇيغۇر قاسساپلار بۇ سەۋەبتىن، باج ئورۇنلىرىنىڭ قوشخانا باجلىرىنى مۇۋاپىق تەڭشىشىنى تەلەپ قىلىپ، بىر كۈن مال سويۇشنى رەت قىلغان. باج تارماقلىرى قاسساپلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئويلىشىشقا قوشۇلغاچقا، پەيشەنبە كۈنى ئۇلار قايتا ئىشقا چۈشكەن. گۆشنىڭ باھاسىمۇ ئاستا- ئاستا نورماللاشماقتا ئىكەن. (ئارزۇ)