ئۈرۈمچىدە خىتاي ئىشلەمچىلەر ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىغا قوبۇل قىلىنماقتا


2006.04.27

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار باش ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى "ئىشلەمچىلەرگە بۇنىڭدىن كېيىن بىز ئىگە چىقىمىز" دەپ بىلدۈردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ-27ئاپرىل ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا ، پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ بەخت يولى مەھەللە كومىتېتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا گەنسۇدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ياللانما ئىشچىلىققا كەلگەن، ئايدا سەككىز يۈز يۈەن مائاش ئالىدىغان بىر خىتاي ئىشچى قوبۇل قىلىنغان.

سۇن جىن جىن ئىسىملىك بۇ ياللانما ئىشچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇشۇ مەھەللە كومىتېتى تەۋەلىكىدە ئۆزىگە ئوخشاش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىق كىنىشكىسى ئالغان ياللانما ئىشچىلاردىن 180 ى بار ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى جاڭ جىڭيى بۇ يىل بىز بارلىق خىتاي ئىشلەمچىلەرگە ئەگەر مەسىلىگە يولۇقساڭلار بىزنى ئىزدەڭلار دەپ مۇراجەت قىلىمىز. بىز ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداپ مائاشلىرىنىڭ ۋاقتىدا تارقىتىلىشىغا، داۋالىنىش، تۇرمۇش، پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ئوخشاش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا تىرىشىمىز، ئۇلارنى ئىشلىتىۋاتقان ئورۇنلارنى نازارەت قىلىمىز . قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بىز ئۇلارغا ئىگە چىقىمىز " دېگەن.

بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە 200 گە يېقىن خىتاي ئىشلەمچى مەلۇم مېھمانخانىنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا بەرمىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كوچىغا چىقىپ دوستلۇق يولىنى توسىۋېلىپ قاتناشنى توختىتىپ قويغان ئىدى . ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى ساقچى ياكى ھۆكۈمەت تەرەپتىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىمىدى ، ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى چوقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى تارقاتقان.

مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە يىلىغا كېلىۋاتقان خىتاي ئىشلەمچىلەرنىڭ سانى ئىككى مىليونغا يېتىدىكەن. نۆۋەتتە ئۇلاردىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا قوبۇل قىلىنغانلىرى 10 كە يېتىدىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.