خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خىتاي تىلىدىكى ئاخبارات تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، يوپۇرغا ناھىيىسىنى بازا قىلغان مەخسۇس ئىشەك سۈتى مەھسۇلاتلىرىنى تەييارلاش شىركىتى ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش مەھسۇلاتلىرىنى ھازىرلاپ چىققان ھەمدە 6000 قاپ ئىشەك سۈتى پاراشوكىغا توختام تۈزگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ شىركەت دۆلەتنىڭ سۈتلۈك يېمەكلىكلەر ئۆلچىمىگە ئاساسەن مىكروپسىزلاندۇرۇلغان ئىشەك سۈتى ئىشلەپ چىقىرىش سېخى قۇرۇپ ۋە بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارنى كۈچەيتىش ئارقىلىق خىتاي بويىچە ھەتتا دۇنيا بويىچە ئىشەك سۈتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش بوشلۇقىنى تولدۇرغان.
ئۆتكەن يىلى تەڭرى تاغ خەۋەر تورى يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ئىشەك باقمىچىلىق فېرمىلىرىنى قۇرۇشقا ۋە ئۇنىڭ گۆشىنى تەييارلاش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ ئىشلارنى ئۆسۈمسىز قەرزلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ھەر يىلى پۈتۈن خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى 120 مىڭ توننا ئىشەك گۆشى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ھەتتا، "بۇ ناھىيىگە ئىشەكلەر يۇرتى" دەپ نام بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
ئىشەك گۆشى يېيىش ۋە ئىشەك سۈتى ئىچىش مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ جايدا قىلىنىۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم. (ئۈمىدۋار)