خىتاي شىركەتلىرى ئىشەك سۈتىنى ئۈرۈمچى بازارلىرىغا ئېلىپ كىرىشكە باشلىدى.
شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ داۋانكۇن چارۋا-بىئولوگىيە تېخنىكا ھەسسىدارلىق شىركىتى دەپ ئاتالغان مەخسۇس ئىشەك سۈتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەت ئۆزلىرىنىڭ بىر يۈرۈش مەھسۇلاتلىرىنى ئۈرۈمچى بازارلىرىغا ئېلىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر مەزكۇر شىركەت ئىشەك سۈتى مەھسۇلاتلىرىنى ئۈرۈمچىدە سېتىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، پات يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى قاۋاقخانىلار، دورىخانا ۋە مەخسۇس سېتىش ئورۇنلىرىدا ئىشەك سۈتى پارشوكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەھسۇلاتلار سېتىلىشقا باشلىنىدىكەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي دائىرىلىرى يوپۇرغا ناھىيىسىنى" جۇڭگونىڭ ئىشەكلەر يۇرتى" دەپ ئاتىغان بولۇپ، ھازىر بۇ ناھىيىدە مەخسۇس ئىشەك سۈتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەيدىغان زاۋۇت قۇرۇلغان ھەم باقمىچىلىق مەيدانلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر كۈنى 10 توننا ئىشەك سۈتى سەغىلىدىكەن. يۇقىرىدا نامى ئاتالغان شىركەت مەخسۇس ئىشەك سۈتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش ۋە تەقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، پۈتۈن خىتاينى تەمىنلەشنى پىلانلىغان.
بىراق، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە،
ئىشەك سۈتى ئىچىش ۋە ئۇنى تەييارلاش مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن چەكلەنگەن بولغاچقا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئۇيغۇن ئەمەس. خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئۇيغۇر يۇرتىدا مۇنداق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىشىغا نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى بىلدۈرۈشكە ئامالسىز قالغان. (ئۈمىدۋار)