ئۇيغۇر ئېلىدە ئەمگەكچىلەر نوپۇسىنىڭ كۈنسايىن ئېشىشى، ئىشسىزلىق ئەھۋالىنى ئېغىرلاتماقتا


2004.09.22

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەڭرىتاغ تور بېتى سەيشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەمگەكچىلەر نوپۇسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىشسىزلىق ئەھۋالىنىڭ، 2010- يىلىغا بارغاندا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر ئىقتىسادىنى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ يېقىندا چىقارغان دوكلاتىغا قارىغاندا، 2001- يىلدىن 2005- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەرلەردىلا ئەمگەكچىلەر سانى تەخمىنەن يېرىم مىليوندىن ئېشىپ بارغان. بۇ سان2020- يىلىغا كەلگەندە تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئەمگەك كۈچى خىزمەت ئېھتىياجىدىن كۆپ ھالقىغان ۋەزىيەت كېلىپ چىقىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك كۈچىنىڭ بۇنداق تېز سۈرئەتتە ئېشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپنىڭ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆپلەپ ئېقىپ كىرىشىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق كرىزىسى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقماقتا

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.