ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىندا ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو ئىستانسىسى تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر مۇلازىمەت مەركىزى، 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن رەسمىي قۇرۇلۇپ ئىش باشلىغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەقسىدى، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى ئالى مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىز ياشلار ۋە يېزىلاردىكى ئىشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە يېتەكلەش، تېخنىكا ئىقتىدارى جەھەتتە تەربىيىلەش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.
بىراق چەتئەللەردىكى كۈزەتكۈچىلەر، مەزكۇر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىدىن ئەندىشە ھىس قىلماقتا. ئۇلارنىڭ بىلدۈرىشىچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركەزلىرىدىن بىر قانچىسى قۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق خىزمەتكە قوبۇل قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە ياكى خىتاي تىلىنى پۇختا بىلگەنلەرنى ئىشقا ئالىمىز دىگەنگە ئوخشاش شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. (ئەقىدە)