تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 131 مىڭ 200 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاران 69 مىڭ 900 ى ئىشقا ئورۇنلىشىپ بولغان. 61 مىڭ 300 ى تېخى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان.
خەۋەردە، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار سانى 2004 - يىلىدىكى 104 مىڭدىن 41% ئازايغانلىقى بايان قىلىنغان. لېكىن بۇ مەلۇماتنىڭ قايسى ئورگاننىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغانلىقى بىلدۈرۈلمىگەن.
تەڭرىتاغ تور بېتى خەۋىرىدە شۇنداقلا، ئىشقا ئورۇنلاشقان ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىتى ۋە جىنسى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىدە ناھايىتى چوڭ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە خىتاي تىلىنى ياخشى بىلمىگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىنىڭ ئاساسەن قالمىغانلىقىدىن شىكايەت قىلماقتا. (قانات)