ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2 مىليوندىن ئارتۇق ئەمگەكچى ئىشسىز تۇرسىمۇ، بۇ يىل ئىچكىرىدىن 2 مىليوندىن ئارتۇق ئىشلەمچى كېلىپ ئىشلىگەن

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 33 ‏- قېتىملىق دائىمى يىغىنىدا 11 ‏- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە 'شەھەر -بازارلاردىكى 1 مىليون 450 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزىلاردىكى 1 مىليون 500 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش' يەنى 3 مىليونغا يېقىن ئىشسىزنى يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش لازىملىقى تەكىتلەنگەن.

ئەمما 'تەڭرىتاغ تور بېتى'دە بايان قىلىنىشىچە، بۇيىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ ئىشلىگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ سانى 2 مىليونغا يەتكەن. (ۋەلى)