ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىدە تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلمەكتە


2006.11.21

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىگە ئېقىپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى بارغانسېرى ئېغىرلاشقان. ھازىر بولسا بۇ خىل ئىشسىزلىق مەسىلىسىدىن باشقا يەنە، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىمۇ ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىق يۈز بېرىشكە باشلىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 65% كە يېقىنى ئۈرۈمچى، سانجى ۋە شىخەنزە قاتارلىق 3 شەھەردە ئىشلەشنى خالايدىكەن. شۇنداقلا بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدە ئىشقا ئورۇنلاشماقچى بولۇۋاتقانلارنىڭ ئۆزىلا 53 % نى ئىگىلىگەن بولۇپ، جەنۇبىي رايونلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىۋاتقانلار نىسبىتى پەقەت 13% ئەتراپىدا ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان شەھەرلەردە ئىشلەشنى خالايدىغان بولۇپ، تەرەققىي قىلمىغان نامرات رايونلارغا بېرىپ ئىشلەشنى خالىمايدىكەن.

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لېنىيىسىگە كېلىۋاتقان تېلېفونلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا، خىزمەتكە ئورۇنلىشىۋاتقانلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسىي جەھەتتىن خىزمەت يوق دىيەرلىك ئىكەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.