ئۇيغۇر ياشلار خىتاي ئۆلكىلىرىدە، خىتاي مەدىكارلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلاشماقتا


2007.04.12

ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۈت ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئىنتايىن ئېغىر بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن مەدىكارلارنى ئىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدىغان سىياسەت، بەلگىلىمىلەر ۋە پائالىيەتلەر يولغا قويۇلماقتا.

12 ‏- ئاپرىل كۈنى، شىنجاڭ گېزىتىدە، چۆچەك شەھىرى تىنچلىق كوچىسى قۇرۇلۇش رايونى ھەمدە ئەمگەك كاپالەت پونكىتىنىڭ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن مەدىكار ئىشچىلارغا، خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش ئەھۋاللىرى شۇنىڭدەك ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەر، شۇنىڭدەك ئىستانسىمىزنىڭ بىۋاستە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ياش قىزلىرى، تۈركۈم - تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش باھانىسدا يۆتكەپ كېتىلىۋاتقان بولۇپ، گەرچە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئىشسىز ياشلارنى ئىشقا ئىگە قىلىش، كەمبەغەل دېھقانلارنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈشدىن ئىبارەت غەمخورلۇق سىياسىتى دەپ تەشۋىق قىلىنسىمۇ، ئەمما يەنىلا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشتىكى يەنە بىر چارە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر قىزلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىگە - چاقىسىز قېلىپ، يامان ئاقىۋەتلەرگە ئۇچرىغاندىن سىرت، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئەر ‏- ئايال تەڭپۇڭسىزلىق كرىزىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىشماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىكىدىكى بارلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلارغا نېمە ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىدىن ئىش بېرىلمەيدىغانلىقىنى، بەلكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن مەدىكارلارغا بولسا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىش قىلىش پۇرسىتىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ ھادىسىنىڭ ئاشكارا كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.