خىتاينىڭ نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يۆلەش سىياسىتى قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ؟
2007.06.21
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 21 - ئىيۇن كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىدا 1 مىليون 290 مىڭ كىشىنىڭ نامراتلىقتا ياشايدىغانلىقى، شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ دېھقان - چارۋىچىلارنى مەنپەئەتلەندۈرىدىغان " ئەلرايى قۇرۇلۇشى" ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئېلان قىلىندى.
ئىستانسىمىزنىڭ بىۋاستە ئۇيغۇر دېھقانلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا - قىشلاقلاردىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، نۇرغۇن دېھقان ئائىلىسىدە ھەتتا ئېلېكتىر توكىمۇ يوق بولۇپ، ھەتتا قورساق تويغۇزۇشقا مادارى يەتمەيدىغان دېھقانلارمۇ بار ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى يەنە، نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش شۇئارى بىلەن، ھەر بىر دېھقان ئائىلىسىدىن قىزلارنى ئاساس قىلغان ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتايدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرماقتا. بۇ ھەرىكەت ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاش بىلەن بىرگە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تۈرلۈك قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىندا يەكەن ناھىيىسىدىن خىتاينىڭ خەيياڭ شەھىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن بەش قىز، زاۋۇتتىكى بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۈرۈمچىگە قېچىپ كەلگەن. بۇ قىزلار ناھىيە ۋە يېزا باشلىقلىرىنىڭ بىر يىللىق توختامنى بۇزغانلارغا ئېغىر جەرىمانە تۆلەش سېلىقىدىن قورقۇپ، ئۆز يۇرتلىرىغا بارالماي تەمتىرەپ يۈرۈشمەكتە ئىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كۈنەستە خىتاي كۆچمەنلىرى مەبلەغ چىقىرىپ، يەرلىك دېھقانلار يەر ۋە كۈچ چىقىرىپ كىرىمنى تەڭ بۆلۈشىدىغان 'ئىگىلىك شەكلى ' قانات يايدۇرۇلماقتا
- خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆز يۇرتلىرىغا كېتەلمەي تەمتىرەپ يۈرمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى پۇقراۋى كارخانىلارغا 30 مىڭغا يېقىن خادىم ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن
- خىتايدا خارلانغان بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ بايانى
- زامانىمىزنىڭ كوڭۇل سورىغۇچى ئاياللىرى ۋە ياش قىزلارنىڭ خۇمدان - زاۋۇتىدا جىنسى قۇل بولىشى
- ئۇيغۇر ئېلىدە 100 مىڭدىن ئارتۇق مال-چارۋىچى يايلاقلاردىن كۆچۈرۈلمەكچى
- خىتايدىكى تېرىلغۇ يەرلەر زور دەرىجىدە بۇلغاندى
- كىم كىمنىڭ دۈشمىنى؟ (2)
- ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان "2007 - يىللىق باھار شامىلى" ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى