0:00 / 0:00
قۇرئانى كەرىم ئاللاھنىڭ سۆزى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىن دەستۇرى. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ باشقا مۇسۇلمانلار قاتارىدا ئىسلامنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغان قۇرئانى كەرىمنى ئالاھىدە ئۇلۇغلايدۇ. ئۇيغۇرلار، گەرچە كۆپ ساندىكى ئەرەب تىلىدا پۈتۈلگەن قۇرئاننىڭ مەزمۇنىنى تولۇق چۈشۈنۇپ كەتمىسىمۇ ئۇنىڭغا شەرتسىز ئىخلاس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۈندۈلۈك ھاياتىدا، بارلىق ئۆرۈپ - ئادەت قائىدە يۇسۇنلىرىدا، قۇرئاننىڭ ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ھەم يۇقۇرى ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابى ھېسابلانغان "قۇرئانى كەرم" نىڭ پەلسەپىيىلىك مەزمۇنلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدا ئۇلۇغلىنىش ئەنئەنىلىرى توغرىسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان توختىنىڭ تەييارلىغان تەپسىلى مەلۇماتنى دېققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
