قانات ئىسلام جۈمە كۈنى ئولىمپىك بوكس تۈرىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.08.21
2008.08.21
ئەتىكى مۇسابىقىنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ، ئەگەر ئۇ كۇبا ماھىرىنى يېڭىۋالسا بۇ ئۇيغۇر ئىلى خەلقى ئۈچۈن زور ۋەقە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ يىل 23 ياشلاردىكى قازاق پەرزەنتى قانات ئىسلام، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا " ئەگەر غەلىبە قىلسام بۇ شىنجاڭ خەلقى ئۈچۈن زور شان - شەرەپ بولۇپ قالاتتى " دەيدۇ. لېكىن ئۇ يەنە " مەن مېدالنى كۆپ ئويلىماسلىققا، قانداق قىلىپ ئۆزەمنىڭ پۈتۈن ئىقتىدارىمنى نامايەن قىلىشقا تىرىشىۋاتىمەن " دەپ تەكىتلىگەن.
قانات ئىسلامنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چىققانلىقى ئۇيغۇر ئىلى خەلقىنى زور ھاياجانغا سالغان. قانات ئىسلامنىڭ ترىنېرى ئابلىكىم ئابدۇرېشىت مۇنداق دەيدۇ": بۇ غەلىبىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. چېگرا رايوندىكى بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ئولىمپىك مېدالىغا ئېرىشىشى ۋەتەننىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىدۇ." ئۇ يەنە، " بۇ يالغۇز شەخسىنىڭ غەلبىسى ئەمەس، بەلكى بۇ پۈتۈن گۇرۇپپىنىڭ شۇنداقلا پۈتۈن رايوننىڭ غەلىبىسى" دەيدۇ.
قانات ئىسلامنىڭ بوكس تۈرىدە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى تەنتەنە قىلىنىۋاتقان پەيت، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر قارشىلاشقۇچى كۈچلىرىنى ژاندارما قىسىملار ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۆلۈم - يىتىم ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن شۇنداقلا رايوندا ۋەزىيەت ناھايىتى جىددىي ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.









