ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىسلام دىنى مەكتىپى پارتىيە مەكتىپىگە ئايلاندۇرۇلماقتا
2007.10.11
تەڭرىتاغ تورى، 11 - ئۆكتەبىر كۈنى ، يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدا ھۆكۈمەت 28 - قارارلىق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەش كۇرسى ئاچقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەردى. خەۋەردە بىلدۈرۈلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئىسلام دىنى مەكتىپى دەپ ئاتالغان بىر مەكتەپ پارتىيە مەكتىپىگە ئايلانغان.
مەزكۇر كۇرستا سۆز قىلغان ،شىنجاڭ ئىسلام دىنى مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، مەكتەپنىڭ دەرسلىك پروگراممىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي قاراتمىلىقى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان. مۇدىر، مەكتەپنىڭ دەرسلىك پروگراممىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ئۆگىتىلىدىغان دەرسلەر پارتىيىنىڭ 16 -قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، پارتىيىنىڭ مىللەتلەر ۋە دىن سىياسىتى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ، ئاپتونوم رايوننىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى ئومۇمى تەرەققىياتى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى، شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتابتىن ئىبارەت .
مۇدىر يۇقىرىقى مەزمۇندا دەرس ئۆتۈلۈشتىن باشقا، داۋاملىق ھالدا، بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى سۈرەت، كۆرگەزمە ۋە كىنو فىلىملىرىنى كۆرۈشكە تەشكىللەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇدىرنىڭ تونۇشتۇرىشىدا، نامى شىنجاڭ ئىسلام مەكتىپى دەپ ئاتالغان بۇ مەكتەپنىڭ دەرس پروگراممىسىدا ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق مەزمۇن يوق. مۇدىر، مەكتەپنىڭ كۇرسانتلارنى تەربىيىلەش مەقسىتىنىڭ ، دىنىي زاتلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مۇدىر يەنە مەكتەپنىڭ، 2001 - يىلدىن باشلاپ دىنىي زاتلاردىن 5200 نەپىرىنى پارتىيىگە ۋە سوتسىيالىزمغا سادىق ئاڭدا يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي زۇلۇمىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. يۇقىرىقى مەكتەپ، بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ توغرىلىقىنى پاكىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. (ئەقىدە)
ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىسلام دىنى مەكتىپى پارتىيە مەكتىپىگە ئايلاندۇرۇلماقتا
- ئۈرۈمچىدە مەكتەپلەردىكى " قارا كۈچ" گۇرۇھلارنى تازىلاش ئېلىپ بېرىلماقتا
- ئۈرۈمچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرىشى قىيىن بولماقتا
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا كەنتلىرىگىچە " قوش تىللىق " مائارىپ سىياسىتىنى كېڭەيتمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدا نامرات يېزا - كەنتلەردىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
- دۇنيا، قەشقەر ۋىلايەتلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ تېمىغا چاپلانغان لوزۇنكىلارنى كۆردى
- مۇقەددەس كىتاب"قۇرئانى كەرىم" توغرىسىدا قىسقىچە بايان
- جۈمە نامىزىنىڭ مۇھىملىغى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى غەربكە قارشى كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلىدى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى خىتايلارنى ئاساس قىلىدۇ
- قارىماي تېخنىكا ئىشچىلار مەكتىۋىنىڭ مىللىي ئوقۇتقۇچىلىرى قىيىن ئەھۋالدا قالدى
- ھېيتكاھ مەسچىتىنىڭ سابىق ئىمامى ھارۇنخان ھاجىم قازا قىلغان
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەج ئۆمىكى، مەككىگە قاراپ يولغا چىقتى