ئىسمائىل تىلىۋالدى ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە كەلگەن ياۋرۇپا ئىتىپاقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەن

ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئەن گاۋشىڭغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلاھات ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۇپ، ئىتتىپاق ۋە خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىسمائىل تىلىۋالدى يەنە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى، كارخانىلارنىڭ ئاپتۇنۇم رايونغا تەكشۈرۈشكە كېلىشىنى سودا جەھەتتە كېڭىشىپ، مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

بىراق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ ئەن گاۋشىڭغا ئالدامچىلىق ۋاستىسى ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن قورچاق ئۇيغۇر رەھبەرلىرى، تاشقى دۇنياغا شەرقىي تۈركىستانغا سېلىنغان بىنا ئىمارەتلەرنى دەسمىيى قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇ رايوننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلغانلىقىنى تەرىپلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئاستىدا يۈرىكى مۇجۇلۇپ سۈكۈتتە تۇرغان ئۇيغۇر خەلقىنى، تېنچ ، ئىتتىپاق ۋە مۇقىم ياشاۋاتىدۇ دەپ سىياسىي ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئەقىدە)