خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسمايىل سەمەتنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى


2006.04.06

خىتاي ھۆكۈمىتى، 2003 ‏- يىلى پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئىسمايىل قارى ۋە ئىلھام دەپ تونولغان ئىسمايىل سەمەتنى، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان، قانۇنسىز پارتلاتقۇچ ياساش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلەپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئسمايىل سەمەت ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2005‏-يىلى 10‏- ئاينىڭ 31‏- كۈنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. لېكىن سوت ھۆكۈمىدە، ئىسمايىل سەمەتنىڭ ئەگەر ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلالايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇرۇمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئىسمايىل سەمەتنى، 1997‏- يىلى 3‏- ئايدا پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە ھەسەن مەخسۇم قاتارلىق توققۇز كىشى بىلەن بىرلىكتە "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى" نى قۇرۇپ چىققان ھەمدە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇش مەقسىتىدە، مۇجاھىتلار تەربىيىلەش ئۈچۈن 1997‏- يىلى 5‏- ئايدا تۇنجى تۈركۈمدىكى 11 ئادەمنى ئافغانىستانغا تەربىيىلەشكە ئاپارغان، 1997‏- يىلى 9‏- ئايدا ئافغانىستاندا خىمىيىۋىي پارتلىتىش قۇرۇلمىسى ياساشنى ئۆگىتىدىغان لىزا لاگىرىنى قۇرۇپ شىنجاڭلىق 100گە يېقىن ئادەمنى تەربىيلىگەن دەپ ئەيىبلىگەن.

ئەمما، ئىسمايىل سەمەت سوتنىڭ پۈتۈن ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، ئەيىبنامىدا بېكىتىلگەن پاكىتلار پۈتۈنلەي خاتا، مەن گۇناھسىز دېگەن.

سوتنىڭ ھۆكۈمنامىسىدا بايان قىلىنىشىچە، ئىسمايىل سەمەتنىڭ ئاقلىغۇچىسى سوتتا " جاۋابكار ئىسمايىل سەمەتكە قانۇنسىز قورال-ياراغ، ئوق ‏- دورا، پارتلاتقۇچ ياسىغان دېگەن پاكىتنى بېكىتىشنىڭ دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ئەمەس، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ئۆز- ئارا ماس كەلمەيدۇ دەپ، ئىسمايىل سەمەتنى ئاقلىغان. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.