ئىسمايىل تىلىۋالدى: ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى يىللاردا "تېررورلۇق" ۋەقەلىرى يۈز بەرمىدى


2005-03-13
Share

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى "يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ھېچقانداق 'تېررورلۇق' ۋەقەلەر يۈز بەرمىدى"، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ يەكشەنبە كۈنىدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرىنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە يانۋاردا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق پارتلاشنىڭ " تېررورچىلىق" بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ رايوندىكى مۇستەقىلچى كۈچلەرنى بىر يۈرۈش پارتلىتىش ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ ئەيىبلەۋاتقان ئىدى. بىراق ئىسمايىل تىلىۋالدى، بۇنىڭغا قارشى ھالدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەبلەغ سېلىشقا بىخەتەر رايون ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، "بىزنىڭ جامائەت بىخەتەرلىكىمىز خىتاي بويىچە ئەڭ ياخشى" دەپ كۆرسەتكەن. بىراق، ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىنىڭ داۋاملىق تۈردە " تېررورچىلىققا" زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى " ئەل - قايدە تەشكىلاتى" غا چېتىپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىسپات كۆرسىتەلمىگەن. چەتئەل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " تېررورچىلىققا" قارشى تۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، تىنچلىق بىلەن دىنىي ۋە سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ھەقلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت