ئىسمايىل تىلىۋالدى: چېگرا ھالقىغان دىنىي كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز


2006.04.04

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى دۈشەنبە كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ دىنىي خىزمەت يىغىنىدا، چېگرا ھالقىغان ئىسلام دىنىي گۇرۇھلىرىنىڭ ئاپتونوم رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭ سەل ئالدىدا ئاپتونوم رايون پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، ئاپتونوم رايوندا ئاتئىزىم تەربىيىسىنى كۈچەيتىشكە چاقىرىپ، خرىستىئان ۋە كاتولىك دىنىي گۇرۇھلىرىنىڭ رايونغا سىڭىپ كىرىشىگە قارشى مۇداپىئە تەدبىرى ئېلىشنى تەكىتلىگەن، لېكىن ئىسلام دىنىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى. بۇ بوشلۇقنى ئىسمايىل تىلىۋالدى تولدۇردى. ئۇ يىغىندا " ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە تەۋرەنمەي قاتتىق زەربە بېرىپ، بولۇپمۇ چېگرا ھالقىغان ئىسلام دىنىي ئەسەبىي كۈچلىرىنىڭ رايونىمىزغا سىڭىپ كىرىشىگە قاتتىق زەربە بېرىشىمىز ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك " دەيدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ، چەتئەلگە چېتىلىدىغان دىنىي پائالىيەتلەر ۋە مەدەنىيەت بازىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، "چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرىشىگە پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى. لېكىن ئۇ، دىندىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرمەكچى بولۇۋاتقان چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرى، ياش ئۆسمۈرلەر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، پىنسىيىگە چىققانلار ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ناماز ئوقۇشىنى، روزا تۇتۇشىنى چەكلىمەكتە ۋە ھەج ئىبادىتىگە چەكلىمە قويماقتا. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىنى چەكلەشتىكى مەقسىدى ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئاساسى، دەپ قارىغانلىقىدا ئىكەن. ئىسمايىل تىلىۋالدى، خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ "دىنىي ئىشلار قائىدىسى" نى ئاپتونوم رايوندا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چاقىردى. بۇ بەلگىلىمە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن پۇقرالارنىڭ دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا بوغۇشنى مەقسەد قىلغان، دەپ ئەيىبلەنمەكتە ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.