ئىسمائىل تىلىۋالدى يېڭى يىل نۇتىقىدا ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سالدى
2007.01.01
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى يېڭى يىل مۇناسىۋتى بىلەن يېڭى يىل نۇتۇقى سۆزلەپ، يېڭى بىر يىلدا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئۇيغۇرلارغا قاتتىق قول سىياسەت تۇتۇشتا باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يېڭى بىر يىلدا "ئىككى قولدا تەڭ تۇتۇش، ئىككىلى قول قاتتىق بولۇش سىياسىتى" داۋاملىق يولغا قويۇلماقچى ئىكەن. ئۇ، سۆزىدە "ئۇچ ئايرىلالماسلىق" ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇش، رايوندا يېڭى تىپتىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ھەققىدە توختالدى.
ئىسمائىل تىلىۋالدى، يېڭى تىپتىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ زادى قانداق مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى تەپسىلى چۈشەندۈرمىگەن بولسىمۇ، ئۇ "ئۈچ ئايرىلالماسلىق ئىدىيىسىنى چوڭقۇر تۇرغۇزۇپ، باراۋەر، ئىتتىپاق ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىشىدىغان ئىناق سوتسىيالىستىك يېڭى تىپتىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىشىمىز ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك،" دەيدۇ.
ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاتالمىش مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەركىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش ۋە قەتئى مۇداپىئە كۆرۈشتە " ئىككىلى قول قاتتىق بولۇش" پرىنسىپى ۋە ھەر مىللەت كادىرلىرىغا تايىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئاتالمىش "ئىككىلى قول قاتتىق بولۇش سىياسىتى" ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىپلىمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكەن يىل ۋە يېڭى بىر يىل ھەققىدە توختالدى
- ئىسمايىل تىلىۋالدى ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئازسانلىق مىللەت مۇھاجىرلىرىنى كۈتىۋالدى
- ئىسمايىل تىلىۋالدى: چېگرا ھالقىغان دىنىي كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز
- ئىسمايىل تىلىۋالدى: ياۋايى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ياخشى ئادەملەر كۆپىيىۋاتىدۇ
- ئىسمايىل تىلىۋالدى: بىز ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تىل - يېزىقىغا ھۆرمەت قىلىۋاتىمىز