دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ بايانلىرىغا رەددىيە بەردى


2007.03.09

9- مارت بېيجىڭدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئېيتقانلىرى، خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.

ئىسمائىل تىلىۋالدى بايانلىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائي ۋە سىياسىي مۇقىملىقىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇمۇش ئەھۋالىنىڭ يۇكسىلىۋاتقانلىغىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ، مۇخبىرلارنىڭ مۇشۇ يىلى يانۋارنىڭ باشلىرىدا خىتاي ساقچى دائىرىلىرى پامىر ئىگىزلىگىدە ئىتىپ ئۆلتۈرگەن 18 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە سورىغان سۇئاللىرىغا ، ئىسمايىل تىلىۋالدى ھېچ ئىككىلەنەستىن،" ئۇلارنىڭ ئەلقائىدە بىلەن يىقىن مۇناسىۋىتى بار. ئۇلارنىڭ مەقسىدى تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىش "دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ بۇ بايانلىرى دۇنيا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچرىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ، "ئالدى بىلەن شۇنى كېسىپ ئېيتىش كىرەككى ،ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن تېررورچىلىقنى قوللىمايدۇ. بىز پەقەت ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۇن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسمايىل تىىۋالدىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتى يوق. ئۇ خىتاي ھاكىمىيىتى تىكلەپ قويغان بىر قورچاق. تېخىمۇ ئىچىنىشلىقى يېرى، ئۇ خىتاي ھوكۈمىتىنىڭ ئۆز يېغىدا،ئۆز گۆشىنى قورۇش ھېلىسىنىڭ قۇربانى" .

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى، "خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركەتلىرىنى دائىم خەلقئارا تېررورچىلىق بىلەن باغلىۋىلىشىدىكى بىردىن بىر مەقسىدى ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېررورچىلىقىنى يوشۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئىگە چاقىسىز يىتىم قالدۇرۇش". خەۋرلەرىگە قارىغاندا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ سېكرىتارى شى داگاڭمۇ يىغىنغا قەشقەرنىڭ خەلق ۋەكىلى بولۇپ قاتناشقان. بۇ ھەقتە دىلشار رىشىت مۇندا دىدى:

"قەدىمىي قەشقەر ئۇيغۇرلار ئەڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر رايون. بۇ ماكاندا ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئەڭ ئېسىل مىللىي ئەنئەنىلىرىنى ياراتقان. ،خىتايدىن كەلگەن بىر كەلگۈندىنىڭ قەشقەرگە ۋەكىل بولۇپ يىغىنىغا قاتنىشى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان بىر ھاقارەت. مانا بۇ ئۇيغۇرلاردا مىللىي ۋە سىياسىي ھوقۇقنىڭ يوقلۇقىنىڭ تىپىك مىسالى " . يىغىدا ئىسمايىل تىلىۋالدى يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىمۇ چىشلەپ تارتىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان ھەم مۇنداق دېگەن" رابىيە قادىر جۇڭگونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە دەخلى تەرۈز قىلدى" .

لېكىن ئىسمايىل تىلىۋالدى ، رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى سورىغان، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۈرىھىم ھەققىدىكى سۇئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇرغان. بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى" بۇ يىل خىتاي رابىيە قادىرغا قاتتىق قارشى تۇرۇشنى پىلانلىغان بىر يىل. رابىيە قادىر خىتاينىڭ دولەت بىخەتەرلىكىگە ھىچقاچان زىيان سالغىنى يوق. ئەمەلىيەتتە رابىيە قادىر ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتىدۇ" . (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.