ئىسمايىل تىلىۋالدى: ياۋايى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ياخشى ئادەملەر كۆپىيىۋاتىدۇ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى، جۈمە كۈنى "جۇڭگو ھۆكۈمىتى تور بېتى" دە خىتاي تورداشلىرىنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ، بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ كىشىلەر شىنجاڭلىقلارنى ياۋايى ۋە نامرات، دەپ قارايدۇ، دېگەن سۆزىگە ياخشى كىشىلەر كۆپەيدى، يامان كىشىلەر ئازايماقتا، دەپ جاۋاب بەردى.

ئىسمايىل تىلىۋالدى بۇ سۆزلەرنى جۈمە كۈنى خىتاي تورداشلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، بىر خىتاي تورداشنىڭ كىشىلەر شىنجاڭلىقلارنى ناھايىتى ياۋايى ۋە نامرات، دەپ قارايدۇ، شىنجاڭنىڭ مۇھىتىنى قوغداش ۋە قۇملۇقنى تىزگىنلەش مەسىلىسىدە پىلانىڭىز بارمۇ ؟ دىگەن سۇئالىغا قايتۇرغان جاۋابىدا تەكىتلىدى.

گەرچە بۇ خىتاينىڭ سۇئالى مۇھىت ۋە قۇملۇقنى تىزگىنلەش پىلانى ھەققىدە بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋايىلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى ئۇنتۇمىغان. تىلىۋالدى، بۇ خىتاينىڭ مۇھىت ھەققىدىكى سۇئالىغا جاۋاب بەرمىگەن. لېكىن " ياۋايى" ئۇيغۇرلارنى چۈشەندۈرۈپ، " ئەسلى نۇرغۇن كىشىلەر يېنىدا پىچاق ئېلىپ يۈرەتتى. ئاياللار يېنىدىن يىرتىلغان يەرلىرىنى يامايدىغان يىڭنە- يىپ ئايرىمايتتى" دەيدۇ. ئۇ، پىچاق ئاسىدىغانلارنىڭ ئازىيىشىنى ياخشى كىشىلەر كۆپەيمەكتە، دەپ ئىما قىلغان. تىلىۋالدى، " ھەر قايسى مىللەت خەلقىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ئاشماقتا. ياخشى كىشىلەر كۆپەيدى، يامان كىشىلەر ئازايماقتا،" دەيدۇ. (ئەركىن)