رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى ھەققىدە ئىسپات بېرىدۇ


2007.10.30

گەرچە 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىتىشىچە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقوق خاتىرىسىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلمىدى.

خىتايدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئايال ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىشتەك مەسىلە بولسا خىتايدىكى ئەڭ ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنىڭ بىرى. خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقوقى كومىتېتى 31 - ئۆكتەبىر كۈنى خىتايدىكى ئايال ۋە بالىلارنى سېتىش مەسىلىسى ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى.

چارشەنبە كۈنى چۈشتىن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۈر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم خىتايدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىك مەسىلىسى يەنى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ خىل سودىنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇھىم ئىسپات بەرمەكچى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 2007 - يىلىدىكى ئادەم سودىسى مەسىلىسى ھەققىدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىچىدە ئادەم سودىسىغا زەربە بېرىش يەنى ئاياللار ھەم بالىلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە ھېچبىر جىددىي، ئۈنۈملۈك تەدبىر ئالمىغانلىقى سەۋەبلىك مەزكۈر مەسىلە خىتايدىكى ئېغىر بىر مەسىلە بولۇپلا قالماي، خىتايدىكى ئادەم سودىگەرلىرىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرى ئەتراپتىكى باشقا قوشنا دۆلەتلەرگىچە كېڭەيمەكتە.

خىتايدىكى ئادەم سودىسىدا بولۇپمۇ بالىلارنى ھەم ئاياللارنى جىنسىي مۇلازىمەتكە مەجبۇرلاش ئالاھىدە ئېغىر مەسىلە. خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، خىتايدا ھەر يىلى 10مىڭدىن 20 مىڭغىچە ئادەم سېتىلىدۇ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ %90 ىنى ئاياللار ھەم بالىلار ئىگىلەيدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقوق كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۈر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا رابىيە قادىر خانىمدىن باشقا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى كۆزىتىش ۋە قارشى تۇرۇش كومىتېتى مەسئۇلى مارك.پ لوگان، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باشلىقى توم مالىنوۋسكى قاتارلىقلارمۇ مۇھىم دوكلاتلارنى بېرىدۇ. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.