ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدا 2500 كىشىلىك ئىپتارغا قاتناشتى

تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايون باشلىقى 15 ‏ - سېنتەبىر كۈنى شەرقى تۈركىستانلىقلارغا ئىپتار زىياپىتى بەرگەن. ئىپتارغا زەيتىنبۇرنىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار بولۇپ 2500 كىشى قاتناشقان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008-09-17
Share

 رايون باشلىقى زىياپەتتە قىلغان سۆزىدە بۇ ئىپتار زىياپىتى ئارقىلىق شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
 
 تۈركىيە مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇھىم پائالىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى: زەيتۇنبۇرنۇ بولسا، ئىستانبۇلدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان جاي. تۈركىيىدە نۆۋەتتە، شەرقى تۈركىستان ۋەخپى، شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقى تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، قەيسەرى شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقى تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى قاتارلىق ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلار مەۋجۇت. خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى تۈركىيىنى شەرقى تۈركىستانچىلارنىڭ ئىدېئولوگىيە بازىسى دەپ قارايدۇ.

ئۇيغۇر رايونىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى ھەر خىل چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان، ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى روزا مەزگىلىدە مەجبۇرىي ئاچتۇرۇلىۋاتقان بۇ مەزگىلدە، ئىستانبۇل زەيتۇنبۇرنۇ رايون باشلىقىنىڭ مەخسۇس شەرقى تۈركىستانلىقلارغا ئىپتار زىياپىتى بېرىشى دىققەت تارتماقتا.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت