قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيىتىنىڭ رەھبىرى ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى
2005.11.20
قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىلىرى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ رەئىسى رامىزان دىرىلدايېۋ ئەپەندى جۈمە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنى زىيارەت قىلغاندا شۇنىڭدەك ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى لازىملىقى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇپ، بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرى مەسىلىسىدە تېخىمۇ كۆپ قارارلارنى چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
13 يىلدىن بۇيان ئەسقەر ئاقايېۋ تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ، قىرغىزىستاندا دېموكراتىك جەمئىيەت قۇرۇشقا ھەسسە قوشقان رامىزان دىرىلدايېۋ يەنە بۇنىڭدىن كېيىن قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرگىز ئەسقەر ئاقايېۋ دەۋرىدىكىدەك قورقۇشنى تۈگىتىپ، دادىل پائالىيەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل ئارزۇ-پىكىرلىرىنى قىرغىزىستان پرېزىدېنتىغا ۋە ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىغا سۇنۇشقا چاقىردى.
قىرغىزلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى ئورتاق بولغان تۇغقان تۈركىي قېرىنداش خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ۋە باشقا قىرغىزىستان دېموكراتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى "بايامان ۋەقەسى" بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى رەت قىلدى
- قەشقەردىن قىرغىزىستاندا كېتىۋاتقان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بۇلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
- قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەت تىنجىغان بولسىمۇ، مەتبۇئاتلاردىكى قارشىلىقلار داۋاملاشماقتا
- قىرغىزىستان دائىرىلىرى، ئۇيغۇر سودىگەرلەرنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ئۈستىدىن ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن
- UAA نىڭ بېشكەكتىكى زىيارىتى داۋاملاشماقتا