ئاقسۇدىكى دائىرىلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيىنى مىللىي جايلاردىكى بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش بىلەن كۈتۈۋالدى
2005.05.02
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يىلدا بىر ئاي داۋاملىشىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقى ئېيىنى، بۇ يىل سەزگۈر ئورگانلار ۋە سەزگۈر جايلاردىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن كۈتۈۋالدى.
بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم مىللەتلەر ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن "ئاقسۇدا 23 - نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيىنى ئورۇنلاشتۇرۇش" توغرىسىدا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، "سەزگۈر جايلار ۋە سەزگۈر ئورگانلارنىڭ ئامانلىقنى كۈچەيتىش، نۇقتىلىق نازارەت ئاستىدىكى شەخسلەرنى تەقىپ ئاستىغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھۆججىتىدىكى سەزگۈر جايلار ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى، مەسچىتلەرنى شۇنداقلا نوپۇسى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان رايونلارنى كۆرسىتىدىكەن.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم "ھەر قايسى كەنت، ئاھالىلار كومىتېتى، يېزا- بازار ۋە ناھىيە دەرىجىلىك ئورگانلار بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش، قوراللىق بۆلۈم، بىرلەشمە ئامانلىق ئەترىتى ۋە خەلق ئەسكەرلەر تەكشۈرۈشىنى چىڭىتىش كېرەك،" دەپ تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 1982 - يىلدىن بېرى ھەر يىلى 5 - ئايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا. ئەمما بۇ قېتىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيىدا سەزگۈر جايلار ۋە سەزگۈر ئورگانلارنى قوغداش توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ھۆججەت چىقىرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى سۇزان سولوۋېن، 27 - ئاپرىلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئەمەلدارى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ بۆلۈنۈش ھەرىكىتى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدە 4.7 بال يەر تەۋرىدى
- ئاقسۇ شايار تۈرمىسى توپىلاڭ يۈز بېرىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا
- ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يېزا كادىرلىرى تەربىيىلەنمەكتە
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمە يىغىنى ئىككى چوڭ زەربە بېرىش نىشانىنى بېكىتتى