ئامېرىكىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى دېموكراتىيە تەربىيىسى يىغىنى ئېچىلماقچى


2007.03.08

8 - مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى تەبرىكىلىنۋاتقان مىنۇتلاردا، باش شتابى ئامېرىكىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، بۇ يىل يەنە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 23 - ۋە 24 - مارت كۈنلىرى ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ زالىدا يىغىن ئاچماقچى.

بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئايال قاتنىشىدىكەن. بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشىدىكى ئاساسى مەقسەت، ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىنىڭ ئاساسي پرىنسىپلىرىنى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا تونۇشتۇرۇش ھەم ئۇلارنى ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.

بۇ يىغىنغا يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسسىلىرىمۇ قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار دىموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى بۇيىچە لېكسىيە سۆزلەپ تەربىيىلەش ئىلىپ بارىدىكەن. بوشۈن ئاخبارات تورىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئەسلى بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئاياللارنىمۇ قاتناشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان بولساقمۇ، ئۇلار كېلىشكە ئامالسىز قالدى. شۇڭا بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياۋروپا ۋە ئورتا ئاسىيادىن كەلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىدۇر.

ئۇ يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ 8- مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىپ، خىزمەت، تەربىيىلىنىش، تەرەققى قىلىش ۋە پەرزەنتلىك بولۇش جەھەتلەردە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بەرگەن ئىنسان ھوقۇقلىرىنى قوغدايمىز دېگەن ۋەدىلىرىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى كېرەك دەيدۇ. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.