قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى 13 يىللىق كېسىلدى
2005.10.19
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى سەيشەنبە كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى جاۋنى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، 13 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى ھەمدە ئىككى يىللىق سىياسىي ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاپ، 100 مىڭ يۈئەن بىساتىنى مۇسادىرە قىلىشقا بۇيرىدى.
"ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يېڭشەھەر ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلىق باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ۋە كادىرلار ساناتورىيىسىنىڭ باشلىقى جاۋ 2003 - يىلىدىن 2005 - يىلىغىچە، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، 350 مىڭ يۈئەن پارا يىگەن. ئۇ ئاساسلىقى كادىرلار ساناتورىيىسىدىكى قۇرۇلۇشلارنى كۆتىرىگە بېرىش جەريانىدا، قۇرۇلۇش شىركەتلىرىنىڭ پارىسىنى قوبۇل قىلغان.
خىتاي تەپتىش دائىرىلىرى بۇ يىل 4 - ئايدا ئۇنىڭ تۇرالغۇ جايى ۋە ئىشخانىسىنى تەكشۈرگەندە، جەمئىي بىر مىليون 780 مىڭ يۈئەندىن ئارتۇق بىساتى بارلىقىنى بايقىغان. ئۇ قانۇنلۇق كىرىمى ۋە پارا ئالغان 350 مىڭ يۈئەندىن سىرت بىر مىليون 200 مىڭغا يېقىن پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرمىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سوتتا جاۋ بۇ پۇللارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغان. جاۋ سوتتىن كېيىن، داۋاملىق يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىكى چىرىكلىك ئەھۋاللىرى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە چىرىكلىكنى يوقۇتۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر، خىتايدىكى بىر پارتىيە دېكتاتۇرلىقىدىكى سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ چىرىكلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەتنى مۇستەقىل نازارەت قىلالايدىغان بىر تۈزۈلمە ئورنۇتۇلمىغىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قانچە چىرىك ئەمەلدارنى جازالىشى بىلەن چىرىكلىك ئەھۋاللىرىنى ياخشىلىغىلى بولمايدىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋاڭ لېچۈەن 19 چەتئەللىكنى "تېررورچىلىق" بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقانلىقىنى پاش قىلدى
- ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆمۈر كانلىرىغا سالغان مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىش مۇددىتىنى كېچىكتۈردى
- خىتاي ئىككى ئۇيغۇرنى پارتلىتىش سادىر قىلماقچى دەپ قولغا ئالدى
- ۋاڭ لېچۈەن، يېقىندا بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى
- خىتاي ئۇچتۇرپاندا 10 نەپەر ئۇيغۇرنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالدى