92 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ب تىپلىق جىگەر كېسىلى سەۋەبىدىن مەكتەپتىن توختاتتى

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل يېڭى ئوقۇشقا كىرگەنلەرنىڭ ئارىسىدا 92 نەپەر ئوقۇغۇچىنى، ب تىپلىق جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئۈچۈن بىر يىل مەكتەپتىن توختاتقان.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلار ھازىر يۇرتلىرىغا قايتىش ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتى بىر يىل ساقلىنىدىكەن. بۇ بىر يىل ئىچىدە ئۇلارنىڭ كېسىلى ساقىيىپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتسە، ئۇلار مەكتەپكە قايتا ئوقۇشقا كىرسە بولىدىكەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ كېسىلى يەنىلا ساقايمىسا، ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتى پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلىنىدىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەتتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلارنى مۇشۇ سەۋەبتىن مەكتەپتىن توختىتىدىغان ئەھۋال بار بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل توختىتىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل ئىكەن. شۇنداقلا ئىلگىرىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر يىل ئىچىدە بۇ كېسەلدىن تەلتۆكۈس ساقىيىشى تەسكە چۈشىدىكەن.

لېكىن، خەۋەردە بۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ مىللىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن. گەرچە ئوقۇغۇچىلار ۋە بىر قىسىم زىيالىيلار مەكتەپنىڭ بۇ قارارىدىن نارازى بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپتىكى قالغان 35 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ سالامەتلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ قارارنىڭ توغرا چىقىرىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. (پەرىدە)