خىتاي بويىچە 2000 دىن ئارتۇق كىشى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە بۇ يىل 9 - ئايدا جىگەر ياللۇغى كېسەللىكى سەۋەبىدىن ئائىلىسىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 19 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش توغرىسىدا سەھىيە مىنىستىرلىكىگە بىرلەشمە ئىمزالىق خەت يېزىپ، سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ ۋەقەنى ئېنىقلىشىنى ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي چوڭ قۇرۇرلىقىدىكى يى رېنپىڭ ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورنىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، شەخسلەر ۋە تور بەتلىرى سەھىيە مىنىستىرلىكىنى يۇقىرىقى 19 نەپەر ئوقۇغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك تىببىي مەسىلىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېسىلى توغرىسىدا ئىلمىي چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
بىرلەشمە ئىمزالىق خەتتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېسىلى توغرىسىدا ئىلمىي بولمىغان خاتا مەلۇمات بېرىش، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كېسەل ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن قايتۇرۇش قارارىغا قارشى تۇرغان ئۈرۈمچىدىكى" قار لەيلىسى" تەشكىلاتىنى تاقىۋېتىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
بىرلەشمە ئىمزالىق خەتكە 2150 كىشى قول قويغاندىن سىرت، يەنە بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۇلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنى 19 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ كېسىلىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەلىم - تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىنى دەخلى - تەرۇز يەتكۈزدى، دەپ ئەيىپلىمەكتە. (ئەركىن)