ئۈرۈمچى 15 - ئوتتۇرا مەكتەپتىكى جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى يۇرتىغا قايتۇرۇلدى


2006.10.20

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15 - ئوتتتۇرا مەكتەپتە ب تىپتىلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان 19 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ كۆپچىلىكى مەكتەپدىن چېكىندۇرۇلۇپ يۇرتىغا قايتۇرۇلدى. لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى چەت يېزىدىن 15 - ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇماقچى بولۇپ كەلگەن ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى يېقىنغىچە يۇرتىغا قايتىپ كەتمىگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان 19 نەپەر ئۆسمۈرنىڭ 10 نەپىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىكەن. ئۈرۈمچىدىكى قار لەيلىسى ئەيدىز تەلىم - تەربىيە ۋە تەتقىقات ئورنى - 10 ئاي كىرگەندىن بېرى بۇ ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيىتى قوزغاپ، جەمئىيەتتە سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى بۇ ئورگاننى پىچەتلىدى.

مەزكۇر ئورگان بۇ ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپ ۋە مائارىپ دائىرىلىرىنى ئەيىبلىگەن ۋە جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر ئورگاننىڭ مەسئۇلى چاڭ كۈن، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى نامرات دېھقانلار بولسىمۇ، لېكىن مەدەنىيەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنگەچكە پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشتا چىڭ تۇرماقتا، دەيدۇ. بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ھازىرغىچە قايتۇرۇلغان ياكى قايتۇرۇلمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

لېكىن قار لەيلىسى تەشكىلاتىنىڭ 2 - ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا ئەسكەرتىلىشىچە، مەكتەپ دائىرىلىرى بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىغا قايتىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىپ تەھدىت سالغان. ئەگەر ئاتا - ئانىسى ئوقۇغۇچىلارنى ۋاقتىدا ئېلىپ كەتمىسە، ئاپتۇۋۇزغا سېلىپ يۇرتىغا يوللىۋىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.