ئۈرۈمچىدە جىنايەت سادىر قىلغان بۇلاڭچى ما خەنچىڭ قولغا ئېلىندى
2004.11.15
ئۈرۈمچىدە 3 قېتىم بۇلاڭچىلىق قىلىپ بىر كىشىنىڭ ئۆلۈشى ۋە 3 ئىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلاڭچى ماخەنچىڭ خىتاينىڭ سەنيا دېگەن يېرىدە قولغا ئېلىنغان.
ۋۇخەن كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ماخەنچىڭ ۋۇخەن ۋە ئۈرۈمچىلەردە ئارقا-ئارقىدىن بۇلاڭچىلىق جىنايەتلىرىنى سادىر قىلغان كىشى بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى ھەتتا ئۇنىڭ ئۈستىدىن 200 مىليون يۈەنلىك تۇتۇش مۇكاپاتى چىقارغان ئىكەن.
ماخەنچىڭ ساقچىلارنىڭ سوراققا تارتىشى بىلەن جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە، -1998 يىلى 11 - ئايدا، 2002 - يىلى 6 - ئايدا ۋە 2004 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئارقا-ئارقىدىن بۇلاڭچىلىق جىنايىتىنى سادىر قىلىپ، جەمئىي 170 مىڭ يۈەن بۇلىغان ۋە بىر كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ 3 ئىنى يارىلاندۇرغان.
گەرچە خەۋەردە بۇلاڭچىلىقنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قانداق يېرىدە يۈز بەرگەنلىكى تەپسىلىي يېزىلمىسىمۇ، لېكىن بىر ھەپتە ئىلگىرى رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە تېلېفون قىلغان بىر ياش ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇيغۇر سودىگەرلىرى توپلاشقان بىيەنجاڭ سودا بازىرىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇلاڭچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپ يۈز بەرگەنلىكىنى ھەمدە ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە يەنە، ۋۇخەنلىك ماخەنچىڭ جىنايىتىنى ئىقرار قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى بىيەنجاڭ سودا بازىرىدا چوڭ بۇلاڭچىلىق دېلوسىنى سادىر قىلغان بىرىنچى دەرىجىلىك بۇلاڭچى ۋە قاتىل بەيباۋشەننىڭ فىلىمىنى كۆرۈپ شۇنىڭدىن ئىلھاملانغانلىقىنى، ھەمدە فىلىمدە كۆرسىتىلگەندەك شىنجاڭدا پۇل كۆپ ئوخشايدۇ دەپ بۇ رايوننى تاللىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.(پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامان ھاجى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجگە بېرىشىنى چەكلىمەكتە
- ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئامان ھاجى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان
- ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانلارنىڭ يېرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە دائىر يېڭى بەلگىلىمە چىقتى
- خىتاي سوت مەھكىمىسى ئابلا ئابدۇرېشىتنىڭ سوتىنى كېچىكتۈرگەن